گېرغا قامالغان ئۆلىمالار (7)

ا
ئۆز خەۋىرىمىز: قېرىنداشلىرىمىز تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تونۇلغان ئۆلىمالار ۋە مەسجىد-جامەلەردە ئىمام، خاتىپلىق قىلىۋاتقان، ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، دىنىي تەلىم-تەربىيە بىلەن شۇغۇللانغان ئۆلىمالارنى «ئەسەبىيلىك، تېرورلۇق» دېگەن باھانىلەر بىلەن جازالىغانلىقىنى ئىگىلىدۇق.
1. ئابدۇۋاھاپ داموللام، ئۈرۈمچىدىن، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. ئۈرۈمچى جىگدىلىك مەسجىدنىڭ ئىمامى ۋە خاتىپى. 2017-يىلى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغان. 
سۈرەتتىكى بىرىنچى كىشى ھەبىبۇللاھ مەخدۇم، جىگدىلىك مەسجىدنىڭ ياردەمچى ئىمامى. ئىككىنچى كىشى مەسئۇد داموللام، شامالباغ مەسجىدنىڭ ئىمامى. ئۈچىنچى كىشى خەلقئارا چوڭ بازار مەسجىدىنىڭ ياردەمچى ئىمامى ئۆمەر قارىم. تۆتىنچى كىشى سايباغ مەسجىدنىڭ ئىمامى ئابدۇۋەلى قارىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىككى يىل ئىلگىرى ئەسەبىي دېگەن تۆھمەت بىلەن لاگېرغا سولانغان.

بۇ خەۋەر 10801 قېتىم كۆرۈلدى
19/03/2019 16:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق