خىتاي 12 ياۋروپا دۆلىتى پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي 12 ياۋروپا دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 7-مايدىكى مۇخبىرلار كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا 12 دۆلەت پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

لىن جيەن شى جىنپىڭنىڭ فىرانسىيە زىيارىتى ۋە بۇ جەرياندا ئېلان قىلىنغان ياۋروپا دۆلەتلىرى خەلقىگە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاي تەرەپنىڭ فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، مالايشىيا، شىۋېيتسارىيە، ئىرېلاندىيە، ۋېنگىرىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، لىيۇكسېمبۇرگ قاتارلىق 12 دۆلەتكە قارىتا ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يۇقىرىقى دۆلەتلەردىكى ئادەتتىكى پاسپورتى بار خادىملار خىتايغا كېلىپ سودا قىلسا، ساياھەت قىلسا، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلىسا ۋە چېگرادىن ئۆتسە، 15 كۈندىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋالدا ۋىزىسىز چېگرادىن كىرسە بولىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1416 قېتىم كۆرۈلدى
08/05/2024 16:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق