ياپونىيە: خىتاي، شىمالىي كورىيە ۋە رۇسىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر تەھدىت

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي، شىمالىي كورىيە ۋە رۇسىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر تەھدىتكە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ ھەپتە يىللىق تاشقى سىياسەت ئاق تاشلىق كىتابى ئېلان قىلغان. مەزكۇر كىتابتا ياپونىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ۋە مۇرەككەپ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەنلىكى، خىرىسنىڭ ئاساسلىقى خىتاي، شىمالىي كورىيە ۋە رۇسىيەدىن كېلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. گەرچە دوكلاتتا شىمالى كورىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئەڭ كۈچلۈك تەنقىد خىتايغا قارىتىلغان.

دوكلاتتا: «خىتاي سىنكاكو ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۆزگەرتمەكچى، شۇنداقلا بۇ رايوندىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە. ياپونىيە ئەتراپىدىكى بىخەتەرلىك مۇھىتى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەڭ خەتەرلىك ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى» دېيىلگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ياپونىيەنىڭ ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرىدىغانلىقى، بۇ ئۆزگىرىشلەر خىتاينىڭ تەيۋەن ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، خىتاي تەيۋەننى ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ دەۋا قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇنى چوڭ قۇرۇقلۇققا قوشۇۋېلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكى، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى بۇ رايوننىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1381 قېتىم كۆرۈلدى
19/04/2024 14:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق