شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق تەقىب ئىزچىل داۋام قىلماقتا

خىتاي گەرچە خەلقئارا جەمئىيەتكە قارىتا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ نورماللاشقانلىقى ھەققىدە كۆز بوياشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان قاتتىق تەقىب ۋە تۇتقۇن قىلىش جىنايەتلىرى داۋاملىق پاش بولماقتا.

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ، قاتتىق نازارەت سىستېمىسىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مەزكۇر سىن خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدىن تارقىتىلغان بولۇپ، سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاينىڭ زور تۈركۈمدە ئاتالمىش «ئامانلىق ساقلاش پونكىتى»نى تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى داۋاملىق باستۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان. سىننى كېرىيەگە ساياھەتكە بارغان بىر خىتاي تارقاتقان بولۇپ، ساياھەتچى خىتاي يول ياقىسىغا تەسىس قىلغان ئاتالمىش «خەلقگە قولايلىق» ساقچى پونكىتلىرىنى كۆرسىتىپ: «شىنجاڭنىڭ ئامانلىقى نېمىدېگەن ياخشى» دەپ، ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى ئىپادىلىگەن. خىتاي سۆزىدە يەنە يولنىڭ دوقمۇشلىرىدا ساقچى پونكىتى بولغاندىن باشقا، ھەر 20-25 مېتىر ئارىلىقتا بىر ساقچىغا ئۇچۇر يوللاش ۋە مەلۇم قىلىش پونكىتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنى، ھەر يەردە ئالاھىدە ساقچى خادىملىرىنىڭ بىرونېۋىكلار بىلەن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ، باشقا خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا خاتىرجەم كۆچۈپ كېلىشكە تەشۋىق قىلغان.

خىتاي يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قاتتىق تەقىب قىلىپ، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەر سولاپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 2021-يىلى 12-ئايدا بايانات ئېلان قىلىپ، 2016-يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتىلغان بىخەتەرلىك ۋە نازارەت قىلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، بۇ خىل باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا مىڭلىغان بىخەتەرلىك كامېراسى، ساقچى پونكىتى تەسىس قىلغانلىقىنى، ساقچى پونكىتىدا ئورنىتىلغان بىيولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ئۇچۇر توپلاش ۋاسىتىلىرى بىلەن، خەلقنى قاتتىق نازارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2527 قېتىم كۆرۈلدى
19/04/2024 13:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق