دوكلات: خىتاي رېجىمى ئائىلە ئەزالىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ باستۇرماقتا

ئامېرىكىدىكى بىر ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى 15-ئاپرېل ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ پۇقراۋى جەمئىيەتلەرنى باستۇرۇش ۋە زىيانكەشلىك قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى، ئائىلە ئەزالىرىنى قوشۇپ جازالاش جىنايىتىنى پاش قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاشىنگتوندا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى «خىتاي ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلىرى» 15-ئاپرېل «ئەگەر خىتايغا بويسۇنمىسام ئائىلەم ئازاب تارتىدۇ» سەرلەۋھەلىك ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ پۇقرالار جەمئىيىتىنى باستۇرۇش ۋە زىيانكەشلىك قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي رېجىمى خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى قاتارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى جازالىغاندا ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى چېتىپ جازالىغان. سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا جىسمانىي جەھەتتىن پاراكەندىچىلىك سالغاندىن باشقا، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش ياكى چەت ئەلگە چىقىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغان ھەمدە ئۇلارنى روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا سولاپ، بارلىق رەھىمسىز ئۇسۇللارنى ئىشقا سالغان.

دوكلاتتا خىتاي تۈرمىلىرىدە جازالانغان ۋە مۇددىتى توشۇپ تۈرمىدىن چىققانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي مەھبۇسلار دۇچ كەلگەن زىيانكەشلىكلەر تەپسىلىي بايان قىلغاندىن باشقا، خىتاي رېجىمىنىڭ سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئۇلارغا چېتىپ كوللېكتىپ جازالىغانلىقىدەك ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىغان.

دوكلاتتا تۈرمىدىن چىققانلارنىڭمۇ خاتىرجەم ياشىيالماي كۆپ قېتىم كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانلىقى، چىدىغۇسىز پاراكەندىچىلىك سەۋەبلىك بالىلىرىنىڭ مەكتەپتىن چېكىنىپ چىققانلىقى، رەھىمسىز تەقىبلەر سەۋەبلىك روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى قاتارلىقلار تىپىك مىساللار بىلەن بايان قىلىنىپ، خىتاينىڭ ۋەھشىي جىنايەتلىرى پاش قىلىنغان.

خىتاينىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى قوشۇپ جازالاش جىنايىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ ئىزچىل ئىجرا قىلىنىپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 964 قېتىم كۆرۈلدى
17/04/2024 11:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق