ش ت ت ب ھەيئىتى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتىدە زىيارەتتە بولدى


ش ت ت ب ھەيئىتى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتىدە زىيارەتتە بولدى
21-نويابىر ش ت ت ب ھەيئىتى سىتوكھولمدا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتى ھەيئىتى ۋە جەمئىيەت مۆتىۋەرلىرى بىلەن جەم بولدى.
خەلقئارا سىياسىي پائالىيىتىنى باشلىغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان يېتەكچىلىكىدىكى ھەيئەت شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئىشخانىسىدا جەمئىيەت ھەيئەت ئەزالىرى ۋە شىۋىتسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى خەلق مۆتىۋەرلىرى ھەم جامائەت ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
كۆرۈشۈشتە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كەلگۈسى، كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ئۇنىڭغا قانداق ئۇسۇل-ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدىكى تېمىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈلدى. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسنى توغرا ئۇسۇلدا تەرققىي قىلدۇرۇپ، سۆزى ۋە بارلىق ھەرىكىتى بوغۇلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

بۇ خەۋەر 1446 قېتىم كۆرۈلدى
22/11/2019 14:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق