ئىستانبۇلدا بىر ئۇيغۇر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

ئىستانبۇلدا بىر ئۇيغۇر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

10-نويابىر كەچتە ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ قەھۋەخانىسىدا ئولتۇرغان ئۇيغۇر تىجارەتچى ئەركىن سەمەت نامەلۇم بىر كىشىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئېغىر يارىلانغاندىن كېيىن جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ دەسلەپكى قۇتقۇزىشىدىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى.
ۋەقە كەچ سائەت 20:40 دا يۈز بەرگەن بولۇپ، سەمەت ئەركىنگە ئۈچ پاي ئوق تەگكەن. ساقچىلارنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆلتۈرۈلگەن سەمەت ئەركىن تاموژنا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەتچى بولۇپ، ئېلىم-بېرىم مەسىلىسى سەۋەبلىك بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن. ھۇجۇم قىلغۇچى قېچىپ كەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە ساقچىلار بۇ ۋەقەنى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرمەكتە.
ئۇندىن باشقا ۋەقە مەيدانىغا يېقىن جايدا توختىتىلغان كونسۇلخانا نومۇر تاختىسى ئورنىتىلغان ئالىي دەرىجىلىك جىپ ماشىنىنىڭ نومۇر تاختىسىنىڭ ساختا ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
بۇ ۋەقە بىلەن ئاپتوموبىلنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقى مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما ئەركىن سەمەتنىڭ ئايالى بۈمەريەم غوپۇر بىلەن قىرغىزىستاندا «ئابدۇراز» ناملىق شىركەت قۇرۇپ، تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، جەنۇبىي قىرغىزىستاننىڭ باتكەنت رايونىدىكى بىر «خىتاي-قىرغىز بازىرى»نىڭ شۇلارغا تەئەللۇق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئازادلىق رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەركىن سەمەت ئىلگىرى ئۆزىنىڭ شىركىتى ئارقىلىق قىرغىزىستاندىن 646 مىليون دوللارنى چەتئەل بانكىسىدىكى ھېسابىغا يۆتكىگەن ئىكەن.
ئەركىن سەمەت قىرغىزىستانغا چېتىشلىق ئۇيغۇرلاردىن يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۈچىنچى كىشى بولۇپ، يېقىندا قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە ئىككى ئۇيغۇر تىجارەتچى ئارقا-ئارقىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

بۇ خەۋەر 1064 قېتىم كۆرۈلدى
12/11/2019 12:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق