«كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئيىتى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

«كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئيىتى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى
-9نويابىر شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجەدىكى سەفاكۆي رايونىدا «كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى» (MAVİ HİLAL İNSANİ YARDIM DERNEĞİ)نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى.
مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان ئائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇرھمان رىياسەتچىلىك قىلدى.
مۇراسىمغا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار قاتناشقاندىن سىرت، يەنە ئىستانبۇلدىكى زەيتىنبۇرنۇ، بەشكتاش، سەفاكۆي... قاتارلىق رايونلارنىڭ باشلىقلىرى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سەفاكۆي رايونىدىكى بىر قىسىم مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرى، تۈركلەرنىڭ خەلق تەشكىلات رەھبەرلىرى... قاتارلىق كۆپلىگەن ئەزىز مېھمانلار قاتناشتى ۋە نۆۋەت بىلەن تەبىرىك سۆزى قىلىپ، «كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى»نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ۋە ئىستانبۇل ۋالىيسى قاتارلىق بىر قىسىم رەھبەرلەر تەبرىكلەش تېلېگراممىسى يوللىدى.


مۇراسمدا جەمئىيەت رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىز ئوغلۇ جەمئيەتنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىدى ۋە نىشانلىرى ھەققىدىكى يازما باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.


شەرقىي تۈركىستان تەشىكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، «كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى»نىڭ قۇرۇلۇشى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئىچىدە مۇكەممەل ئىنسانى يارەم تەشىكىلاتىنىڭ يوق ئىكەنلىكىدەك بىر بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقىنى، بۇ جەمئىيەتنىڭ قۇرلغانلىقىنى ھەر جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى ھەمدە تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


جەمئىيەت تۈركىيەدىكى «قىزىل ئاي» (Kızılay- Türk Kızılayı 1868) ۋە خەلقئارادىكى «خەلقئارا قىزىل كىرىست جەمئىيىتى» (Uluslararası Kızılhaç 1863) گە ئوخشاش تەشكىلات بولۇپ، ئاساسلىقى تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ياردەم قوبۇل قىلىش ۋە توپلاش، ئۇلارنى ئېھتىياجى بولغان شەخس ۋە ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
جەمئىيەت 9- نويابىر ئېچىلىش قىلىپ ئەتىسىدىن باشلاپ ئىش باشلىدى.
جەمئىيەت 10-نويابىر ئېھتىياجى بار قېرىنداشلىرىمىزغا ئىككى توننا ئۇن، بىر توننا گۈرۈچ، بىر توننا شىكەر، بىر توننا ياغ، 100 قاپ تۇخۇم 100 خالتا ئوراپ قاچىغانلغان يېمەكلىك، 600 كىلو گۆش، 50 يېشىك يېمەكلىك قاتارلىق بويۇملارنى تارقىتىپ بىردى.


بىز ئاللاھ تائالادىن بۇ تەشكىلاتىمىزنى خەلقىمىز ۋە شەرقى تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن مەنپەئەتلىك قىلىپ بېرىشىنى تىلەيمىز. شۇنداقلا «كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئيىتى»نىڭ مەسئۇلى ئابدۇرېھىم ئەزىز ئوغلى (نىمىتۇللاھ ھاجىم) ۋە ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

 

 

بۇ خەۋەر 1764 قېتىم كۆرۈلدى
11/11/2019 16:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق