خوڭكوڭدا نامايىشچىلارغا يەنە بىر قېتىم ئوق چىقىرىلدى

خوڭكوڭدا نامايىشچىلارغا يەنە بىر قېتىم ئوق چىقىرىلدى
گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭ ساقچىلىرى بۈگۈنكى نامايىشنى توسۇش جەريانىدا ئوق چىقىرىپ، ئىككى كىشىنى يارىلاندۇرغان.
ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدىكى كەسكىن قارشىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىن، خوڭكوڭلۇقلار تور ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خەلقنى بۈگۈنمۇ نامايىشقا چىقىپ، كوچىلارنى توسۇشقا چاقىرىق قىلغان. بىۋاسىتە تارقىتىلغان كۆرۈنۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شىۋەنخې رايونىدا بىر قاتناش ساقچىسى نامايىشچىلارنى قوغلاش جەريانىدا ئوق چىقىرىپ، ئىككى نامايىشچىنى يارىلاندۇرغان. بۇلارنىڭ بىرىنىڭ يارىسى ئېغىر بولۇپ، ھازىر ئوپېراتسىيە قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بۇ خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ 1-ئۆتكەبىر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خاتىرە كۈنىدىن بۇيان نامايىشچىلارغا ئىككىنچى قېتىم راست ئوق ئىشلىتىشى بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن ۋەزىيەت جىددىيىلىشىشكە باشلىغان. ساقچىلار تېزلىكتە شىۋەنخې رايونىدىكى ئاساسلىق يوللارنى توسۇۋەتكەن.
بۇنىڭدىن سىرت ئالدىنقى كۈنلەردىكى نامايىش جەريانىدا 22 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن چۈشۈپ كېتىپ، تۆت كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 8-نويابىر دوختۇرخانىدا قازا قىلغان. بۇ ۋەقەمۇ خوڭكوڭ خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.
خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرى تىۋىتتېر ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىمقى ئوق چىقىرىش ۋەقەسىنىڭ يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى ئەمەسلىكىنى، ساقچىلارنىڭ ئۆز قىلمىشىغا ئۆزى ئىگە ئىكەنلىكىنى، ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ھەقىقىي قورال ئىشلىتىشتە ئىنتايىن چىڭ تۈزۈمى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 701 قېتىم كۆرۈلدى
11/11/2019 16:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق