تىرامپ: مەن تېخى تاموژنا بېجىنى بىكار قىلىشقا قوشۇلمىدىم

تىرامپ: مەن تېخى تاموژنا بېجىنى بىكار قىلىشقا قوشۇلمىدىم

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ 8-نويابىر خىتاي بىلەن بولغان سودا سۆھبىتى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتايغا يۈرگۈزۈلگەن قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى بىكار قىلىشقا تېخى قوشۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ پەيشەنبە ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى ئىككى تەرەپنىڭ دەسلەپكى كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئەھۋالدا، خىتايدىن ئېلىنىدىغان قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي سودا مىنىستىرلىكىمۇ ئىككى تەرەپنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى، قوشۇمچە تاموژنا بېجىنىڭ قەدەممۇ قەدەم ئەمەلدىن قالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
تىرامپ 8-نويابىر مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «خىتاي تەرەپ تاموژنا بېجىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمما مەن تېخى ھېچنىمىگە قوشۇلغىنىم يوق. ئۇلار تاموژنا بېجىنىڭ بىر قىسىمىنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈمىد قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار بارلىق قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى بىكار قىلىشقا ھەرگىز قوشۇلمايدىغانلىقىمنى بىلىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
تىرامپ بىلەن شى جىنپىڭ ئەسلى بۇ ئايدا چىلىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى تەشكىلات باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا بىرىنچى قەدەملىك سۆھبەتكە ئىمزا قويماقچى بولغان بولسىمۇ، چىلىدىكى قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن يىغىن ئورنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. تىرامپ بۇ سۆھبەتنىڭ ئامېرىكىدىكى مەلۇم دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 755 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2019 15:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق