يەنە بىر ئۇيغۇر ئەمەلدار تۇتقۇن قىلىندى

يەنە بىر ئۇيغۇر ئەمەلدار تۇتقۇن قىلىندى

31-ئۆكتەبىر خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، بىرلەشمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەمەت تۇنىياز ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا چېتىلىپ، تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
مەمەت تۇنىياز 1963-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قومۇلدا تۇغۇلغان، 1985-يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەندىن باشلاپ 2016-يىلغىچە غۇلجا تاشبۇلاق يېزىسى، قومۇل شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سېكرىتارى، قومۇل شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولغان. شەرقىي تۈركسىتاندا سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىش ئەڭ ئەۋجىگە چىققان 2017-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 2018-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، يىل ئاخىرىدا ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

بۇ خەۋەر 2024 قېتىم كۆرۈلدى
01/11/2019 16:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق