قىرغىزىستاندا رەسسام تەلئەت مىرەخىموفنىڭ چوڭ تىپتىكى رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

قىرغىزىستاندا رەسسام تەلئەت مىرەخىموفنىڭ چوڭ تىپتىكى رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

-11  ئۆكتەبىر كۈنى قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدە داڭلىق ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە رەسسام تەلئەت مىرەخىمۇف ئەپەندىنىڭ چوڭ تىپتىكى رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

مەزكۇر رەسىم كۆرگەزمىسى قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ مۇزىيخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كۆرگەزمىدە داڭلىق يازغۇچى ۋە رەسسام تەلئەت مىرەخىمۇفنىڭ 75 ياشقا كىرگەن كۈنىدە ئۇنىڭ 50 يىللىق ئىجادىيەت ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇلدى.

كۆرگەزمىگە قازاقىستان، ئۆزبەكىستان ۋە قىرغىزىستاندىن بولۇپ كۆپ ساندا ئاكادىمىكلار، تىجارەتچىلەر، جامائەت ئەربابلىرى، سەنئەتچىلەر ۋە سىياسەتچىلەر قاتناشتى.

رەسىم كۆرگەزمىسىدە يەنە ئۇستازنىڭ يېڭى چىققان كىتابلىرى تونۇشتۇرۇلدى ۋە تارقىتىلدى.

بۇ پائالىيەت قىرغىزىستاندىكى يەرلىك مەتبۇئاتلاردىمۇ كەڭ دائىرىدە خەۋەر قىلىپ بېرىلدى.

تەلئەت مىرەخىمۇف 8 يېشىدىن باشلاپ رەسىم سىزىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا تىنماي ئەجىر سىڭدۈرگەن ۋە ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىكى كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇلۇپ نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

ئۇنىڭ رەسىملىرىدە قويۇق مىللىي ۋە سىياسىي پۇراق ئەكس ئېتىپ تۇرىدىغان بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ ئاھۇ زارى ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ناھايىتى جانلىق ئىپادىلەپ بېرىلىدۇ.

بۇ كۆرگەزمىگە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ يېڭى رەئىسى ئەسقەر قاسىموفمۇ قاتناشتى ۋە رەسسام تەلئەت مىرەخىموفقا ئىجادىيەتلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىپ تون كەيگۈزدى ۋە تەقدىرنامە ھەدىيە قىلدى.

بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ماددى قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى ساخاۋەتلىك تىجارەتچى ئەنۋەر گاببازوف ئەپەندىنىڭ ئىرشات فوندى بولۇپ، مەزكۇر فوندى جەمئىيىتى ئاپتور تەلئەت مىرەخىموف يېڭى نەشىر قىلدۇرغان كىتابلارغا ماددى ياردەمدە بولغان

بۇ خەۋەر 612 قېتىم كۆرۈلدى
18/10/2019 15:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق