قازاقىستان خەلقىدىن قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق

قازاقىستان خەلقىدىن قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق

15-ئاۋغۇست قازاق خەۋەرلىرى تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان خەلقى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى تۇتقۇن قىلىنغان ئىككى ياشنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىككە چاقىرغان.
بۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ، بەش كۈن پىيادە يول يۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىن قازاقىستانغا كەلگەن كاستەر مۇساخان بىلەن مۇراگېر ئالىم ئوغلى قازاقىستانغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، كۆپ قېتىم مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سەۋەبسىز لاگېرلارغا قاماپ، دىنى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىشقا باشلىغانلىقىدىن ئىبارەت نۇرغۇن پاكىتلارنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
ئويلىمىغان يەردىن قازاقىستان بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئىككى ياشنى تۇتقۇن قىلىپ، قازاقىستان كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئىككى ياشنى زايسان شەھىرىگە ئېلىپ كەتكەن. ئىككى كۈندىن كېيىن ئىككى ياشنىڭ «چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان.
قازاقىستاندىكى ۋەتەنسۆيەر كىشىلەر ئىككى ياشنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرەپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى ياشنىڭ ئانا يۇرتى قازاقىستاندىن پاناھلىق تىلەپ كەلگەنلىكىنى، ئىككى ياشنىڭ تەقدىرىنىڭ قازاقلارنىڭ تەقدىرىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى، ئىككى ياشقا قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي پاناھلىق بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بارلىق قازاق خەلقىنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىككى ياشنىڭ ئاقىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ خەۋەر 608 قېتىم كۆرۈلدى
17/10/2019 16:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق