ئەڭ يېڭى دوكلاتتا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىكى پاش قىلىندى

ئەڭ يېڭى دوكلاتتا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىكى پاش قىلىندى
ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نىيۇيورك ۋاقتى گېزىتى 14-ئۆكتەبىر ئۇزۇن دوكلات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە بانكىسىنىڭ (Deutsche Bank) خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىكىدىن پايدىلىنىپ، خىتايدىكى سودىسىنى راۋاجلاندۇرغانلىقىنى پاش قىلغان.
ئاشكارىلىنىشىچە، گېرمانىيە بانكىسى بۇندىن 20 يىل بۇرۇن خىتاي بازىرىغا كىرگەن بولۇپ، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنى بېرىش، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قىسقىغىنە ئون يىل ئىچىدە تېزلىكتە تەرەققىي قىلغان. چىرىكلىك قىلمىشلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ باش ئەمەلدارلىرىغا چېتىلغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جاڭ زېمىن، ۋېن جياباۋ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم گېرمانىيە بانكىسىنىڭ قىممەت باھالىق سوۋغاتلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىمۇ گېرمانىيە بانكىسى بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن. گېرمانىيە بانكىسىنىڭ كۆپلىگەن سودىلىرى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ «خەلقئارالىق چىرىكىلىك قانۇنى»غا خىلاپ ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
گېرمانىيە بانكىسىنىڭ سابىق ئىجرائىيە ئەمەلدارى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئەينى ۋاقىتتا خىتايدىكى ئىش بېجىرىش ئۇسۇلىنىڭ شۇنداق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ خىتايدىكى سودا پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
گېرمانىيە بانكىسى بۇندىن بۇرۇن رۇسىيە ۋە خىتايدا چىرىلىك ۋاسىتىسى ئارقىلىق سودىدا پايدا ئالغان دەپ قارىلىپ، ئامېرىكا پاي چېكى سودا ھەيئىتى (SEC) تەرىپىدىن شىكايەت قىلىنغان. ئەمما گېرمانىيە بانكىسى بۇ يىل 8-ئايدا 16 مىليون دوللار جەرىمانە تاپشۇرۇش ئارقىلىق، مەزكۇر ھەيئەت بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

بۇ خەۋەر 788 قېتىم كۆرۈلدى
17/10/2019 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق