قازاقىستاندا خىتايغا قارشى ئويغىنىش كۈچەيگەن

قازاقىستاندا خىتايغا قارشى ئويغىنىش كۈچەيگەن
15-ئۆكتەبىر ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى مەزگىلدە قازاقىستاندا خىتايغا قارشى ئويغىنىش بارغانسېرى كۈچەيگەن.
قازاقىستان خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك سودا شېرىكى بولۇپ، يېقىندا خىتاينىڭ قازاقىستاننىڭ غەربىگە جايلاشقان ماڭگىستاۋ ۋىلايىتىگە چوڭ تىپتىكى 55 زاۋۇتىنى يۆتكىمەكچى بولغانلىقى ئاشكارىلانغان. قازاقىستان تەرەپ بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، بىراق قازاقىستاندىكى خىتايغا قارشى ئويغىنىش بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىغان. قازاقىستان خەلقى نامايىشلاردا خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى شوئارلار يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن.
ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى(Kumakura Jun)ئېلان قىلغان «بىر بەلباغ بىر يول ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يوشۇرۇن تەشۋىشلەر» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، خىتايغا قارشى كەيپىيات قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە كۈچىيىشكە باشلىغان.
ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قىرغىزىستاندىمۇ خىتايغا قارشى ئويغىنىش كۈچەيگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بېرى قازاقىستاندىكى خىتايغا قارشى كەيپىياتنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبلىك قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ سودا تەكلىپلىرىگە نىسبەتەن ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

بۇ خەۋەر 781 قېتىم كۆرۈلدى
16/10/2019 15:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق