تۈركىيە ماھىرى خىتاي ماھىرىنى يېڭىپ دۇنيا چېمپىيونى بولدى

تۈركىيە ماھىرى خىتاي ماھىرىنى يېڭىپ دۇنيا چېمپىيونى بولدى

Onedio تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئاياللار بوكس مۇسابىقىسىدە تۈركىيەلىك ماھىر بۇسەناز سۈرمەنلى (Busenaz Sürmeneli) 69 كىلوگراملىقلار بويىچە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.
بۇسەناز سۈرمەنلى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە خىتاي ماھىرى ليۇ ياڭ بىلەن تۇتۇشقان بولۇپ، ئاخىرىدا يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن رەقىبىنى يېڭىپ، 69 كىلوگراملىقلار بويىچە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.
بۇلاردىن سىرت 51 كىلوگراملىقلار ۋە 81 كىلوگراملىقلار بويىچە تۈركىيەلىك ئىككى ماھىر كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن.

بۇ خەۋەر 563 قېتىم كۆرۈلدى
14/10/2019 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق