خىتاي «تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى»گە قارشى يالغان تەشۋىقات قىلدى

خىتاي «تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى»گە قارشى يالغان تەشۋىقات قىلدى
10- ئۆكتەبىر يېنى چاغ گېزىتى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى نىشان قىلغان« تىنىچلىق بۇلىقى » ھەربىي ھەرىكىتىگە قارشى تۇرغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسترىلىقىنىڭ باياناچىسى گېڭ شۇاڭ بېيجىڭدا بايانات ئېلان قىلىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:
« خىتاي دائىم سۈرىيەنىڭ زىمىن پۈتۈنلۈكىگە ، مۇستەقىللىقىكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ ھەمدە قوغدايدۇ. خىتاي تۈركىيەنىڭ سۇرىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتىدىن ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ دەپ، قاراپ بۇ ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. شۇ سەۋەبلىك تۈركىيەنىڭ « تىنىچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى»گە قارشى تۇرۇدۇ. خىتاي تەرەپلەرنى سۈرىيەدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەر ئاساسىدا سىياسى سۆھبەت يوللىرى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىرىدۇ.»
خىتاينىڭ CCTV قاتارلىق ئاساسلىق تېلېۋىزىيە قانال خەۋەرلىرىدە يەنە، تۈركىيە ئارمىيەسنىڭ تېررورچىلارغا زەربەر بىرىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان « تىنچىلىق بۇلىقى » ھەربىي ھەرىكىتىنى خەلقئارادا يامان كۆرتىشكە تىرىشىپ، تۈركىيە سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، تۇنجى ھۇجۇمىدا ئىككىلەنمەستىن ئىككى مىليۇن ئىنساننىڭ سۇ بۇلقى بولۇپ كېلىۋاتقان ھاسەكى توسمىسىنى بومباردامان قىلغانلىقىنى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا 8 خەلقنى قوشقاندا 15 ئادەم ئۆلۈپ 40 ئادەم يارىلاندى. بىگۇناھ ئىنسانلار ئۆي- ماكانسىز قالدى» دېگەن ئاساسىز خەۋەرلەرنى تارقاتتى.

بۇ خەۋەر 571 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2019 17:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق