خوڭكوڭدىكى نامايىشتا ئۈچ مىڭغا يېقىن نامايىشچى تۇتقۇن قىلىندى

خوڭكوڭدىكى نامايىشتا ئۈچ مىڭغا يېقىن نامايىشچى تۇتقۇن قىلىندى

خوڭكوڭ ئەركىنلىك گېزىتىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىردىن مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭدىكى نامايىشلاردا ھازىرغىچە 2379 نامايىشچى تۇتقۇن قىلىنغان.
خوڭكوڭ مەمۇرىي رايونىنىڭ باش كاتىپى جاڭ جيەنزۇڭ ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭدىكى نامايىش باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە نازارەتكە ئېلىنغانلاردىن 750 كىشىنىڭ 18 ياشتىن كىچىك ئۆسمۈر ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 104 نامايىشچىنىڭ 16 ياشتىن كىچىك ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان ۋە ئازابلايدىغان بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
باش كاتىپ يەنە ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆسمۈرلەرگە زوراۋانلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىدىن، شۇنداقلا يارىدار بولۇش ۋە كېلەچىكىنى ۋەيران قىلىدىغان نازارەتكە ئېلىنىشتەك ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە نەسىھەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، سېنتەبىر ئېيىدا مەكتەپلەر ئوقۇش باشلىغاندىن كېيىن نازارەتكە ئېلىنغان نامايىشچىلار ئاساسەن دېگۈدەك 18 ياشتىن كىچىك ئىكەن. شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى نازارەتكە ئېلىنغانلار ئىچىدىكى 10 كىشىدىن بىرسى 15 ياشتىن كىچىك ئۆسمۈر ئىكەن.
خەۋەردە يەنە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دۆلەت بايرىمى كۈنىدىكى نامايىشتا 18 ياشلىق بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە نىقاپ چەكلەنگەندىن كېيىنكى نامايىشلاردا 14 ياشلىق يەنە بىر ئوقۇغۇچى ساقچىلارنىڭ ئوقىدا يارىدار بولغان.
خىتاينىڭ باڭكوكتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تايلاندلىق بىر سىياسەتچىنىڭ خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلارنىڭ رەھبىرى خۇاڭ جىفېڭ بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاندلىق سىياسەتچىنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ خاتا بولغانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، خىتاي بىلەن تايلاند ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە نېمىنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇشىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ دىققەت قىلىپ ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 748 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2019 17:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق