تىرامپ: خىتاي تەرەپ بىلەن ناھايىتى ياخشى كېڭەشتۇق

ب ب س خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى پەيشەنبە (10-ئۆكتەبىر) پىلان بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بىر قىسىم ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.
بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خې خىتاي تەرەپكە ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان بولۇپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ بۈگۈنكى سودا سۆھبىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ليۇ خې بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئانالىزچىلار خىتاي تەرەپنىڭ تۇنجى كۈنلۈك سۆھبەتتىن كېيىنلا مۇددەتتىن بۇرۇن قايتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا تەرەپ سودا سۆھبىتىنىڭ كۈتكىنىدىنمۇ ياخشى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دەسلەپكى سۆھبەت پېرېۋوت نىسبىتىگە ئالاقىدار بولۇپ، ئاقساراينىڭ مەلۇم ئەمەلدارى خىتاي تەرەپ بىلەن پېرېۋوت نىسبىتى ۋە نەشر ھوقۇقى مەسىلىسىدە دەسلەپكى باسقۇچلۇق كېلىشىم ھاسىل قىلالايدىغانلىقىدىن شەپە بېرىپ ئۆتكەن.
مۇتەخەسسىسلەر بولسا پېرېۋوت نىسبىتى مەسىلىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىرلىككە كېلىش ئەڭ ئاسان مەسىلە ئىكەنلىكىنى، خىتاي تەرەپنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلىپ، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قوشۇلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تەرەپ بۇ قېتىملىق سۆھبەتكە ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولغان بولۇپ، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، خىتاي ئورگان ۋە شىركەتلىرىنى ۋە بىر قىسىم ئەمەلدارلىرىنى قارا تىزىملىككە سېلىش ئارقىلىق، خىتايغا بېسىم چۈشۈرگەنلىكتىن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 618 قېتىم كۆرۈلدى
11/10/2019 15:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق