تۈركىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتى رەسمىي باشلاندى

تۈركىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتى رەسمىي باشلاندى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە ھەربىي قىسىملىرى ۋە تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان سۇرىيە ئۆكتىچى قوراللىق قىسىملىرى بىرلىكتە سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى كۇرد قوراللىق كۈچلىرىگە رەسمىي ھۇجۇم باشلىغان.
بۇندىن نەچچە كۈن بۇرۇن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ سۇرىيەدىكى ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ سۇرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىشىنى ئارىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى يۇقىرى دەرنجىلىك ئەمەلدارلار تىرامپنى ئامرىكىنىڭ سادىق ئىتتىپاقدىشى بولغان سۇرىيەدىكى كۇردلارنى تاشلىۋەتتى دەپ قاراپ، ئۇنى تەنقىد قىلغان.
ئۇندىن باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ تىرامپنىڭ بۇ قارارىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۈركىيەنىڭ ھۇجۇم باشلىغانلىقى ئېلان قىلىغاندىن كېيىن ئەرەب ئىتتىپاقى تەشكىلاتى جىددىي بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنى ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى ھېسابلىنىدىغان سۇرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن.
تۈنۈگۈن قوزغىتىلغان ھۇجۇم ئاۋۋال ھاۋا ھۇجۇمىدىن باشلانغان بولۇپ، ئارقىدىن چېگرا رايونىدا قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى باشلانغان. ھۇجۇم رايونىدىكى ئاھالىلەر كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشقا باشلىغان.

بۇ خەۋەر 605 قېتىم كۆرۈلدى
10/10/2019 15:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق