رۇسىيە تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
7-ئۆكتەبىر دوۋېي خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە كىرىمېل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ تۈركىيەنىڭ سۇرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي ھەرىكەت ئېھتىماللىقى ئۈستىدە توختالغاندا: «تۈركىيەنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكىنى ساقلاشقا قارىتىلغان ھەرىكىتىنى چۈشىنىمىز ۋە قوبۇل قىلىمىز» دېگەن.
دمىترىي پېسكوۋ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيەنىڭ سۇرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي پۈتۈنلۈكىدىن ئىبارەت ئالدىنقى شەرتكە بويسۇنىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قىلغانلىقىنى ۋە بۇنى رۇسىيەنىڭ چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دمىترىي پېسكوۋ يەنە: «رۇسىيەنىڭ مەقسىتىنى بىلىسىلەر. يېقىن كەلگۈسىدە سۇرىيە زېمىنىدا قانۇنسىز تۇرۇۋاتقان بارلىق چەتئەل كۈچلىرى سۇرىيە زېمىنىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك. پۇتىن ۋە تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان بۇ مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ سۇرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي ھەرىكەتنى مۇزاكىرە قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ۋە ئاخبارات ئۇچرىشىشلىرى زىچ ۋە تەرتىپلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 500 قېتىم كۆرۈلدى
08/10/2019 15:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق