شەرقىي تۈركىستاندا يېڭى تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالدى

شەرقىي تۈركىستاندا يېڭى تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالدى

5-ئۆكتەبىر خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا 115.3 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالغانلىقى ئاشكارىلاندى.
خەۋەردە خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ (PetroChina) شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىم ئويمانلىقىدىكى تەكشۈرۈشلىرىدە 115.3 مىليارد كۇب مېتىر زاپىسىغا ئىگە تەبىئىي گاز زاپىسى بايقىغانلىقى، شىركەت مەسئۇللىرىنىڭ گاز بايقالغان جايلاردا قۇدۇق سىناقلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى، كېلەر ئاي (نويابىر) ئىچىدە رايوندا تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشنى باشلاشنى پىلانلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالچىسى بولغان خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا نېفىتتىن باشقا ئالتۇن، پىلاتىنا، كۈمۈش، ئۇران ۋە كۆمۈر قاتارلىق نۇرغۇنلىغان يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى قىممەتلىك بايلىقلارنى قېزىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 1152 قېتىم كۆرۈلدى
05/10/2019 16:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق