ئىلھام توختى خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئىلھام توختى خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ياۋروپا ئەركىن رادىيوسى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىللىق «خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»نىڭ نەتىجىسى 30-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختى ۋە «بالقان ياشلار كىشىلىك ھوقۇق چاقىرىقى» تەشكىلاتى بىرلىكتە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنتى تۈنۈگۈن مۇكاپات نەتىجىنى ئېلان قىلىپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ مەقسىتى ئىنسانلارنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى، ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى قوغدالغان ۋە ھۆرمەت قىلىنغان بىر دۇنيا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان كىشىلەرگە ئۈمىد ئۇچۇرى يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
«ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى»نىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئىلھام توختىغا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ بىر كىشىگىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئىلھام توختى «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان» دېگەن تۆھمەت بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، 2014-يىلىدىن بېرى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتىدۇ. بالقان ياشلار كىشىلىك ھوقۇق چاقىرىقى تەشكىلاتى بولسا ئوخشىمىغان ئىرق، رايون ۋە دۆلەتلەردىكى ياشلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان تەشكىلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى 2013-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش كۈرىشىدە ئالاھىدە تۆھپە كۆرسەتكەن كىشىلەرگە بېرىلىدۇ. مۇكاپات سوممىسى 60 مىڭ ياۋروغا يېتىدۇ.

بۇ خەۋەر 764 قېتىم كۆرۈلدى
01/10/2019 19:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق