خوڭكوڭدا خىتاي دۆلەت بايرىمى مالىمانچىلىققا ئايلىنىپ كەتتى

خوڭكوڭدا خىتاي دۆلەت بايرىمى مالىمانچىلىققا ئايلىنىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1949-يىلى 1-ئۆكتەبىردە قۇرۇلغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق يۈرۈشلىرى جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچى گۇرۇپپا بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش يۈز بەرگەن.
سەھەردە يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئىككى گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشتىن كېيىن، ساقچىلار نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتكەن. بۇ ئارىلىقتا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپدارى بولغان ئىككى كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشچىلار نامايىشلىرىنى پۈتۈن كۈن داۋاملاشتۇرغان. قارا كىيىم كىيىشكەن مىڭلىغان نامايىشچىلار چەكلىمىلەرگە قارىماستىن يۈرۈش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى شوئارلارنى توۋلىغان. بەزى نامايىشچىلارنىڭ ماتەم مۇراسىملىرىدا ئىشلىتىلىدىغان قەغەز پۇل چاچقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
شەھەرنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا خىتاي كومپارتىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغان نامايىشچىلار خىتاينىڭ دۆلەت قۇرۇلۇش كۈنى بولغان 1-ئۆكتەبىرنىڭ «ماتەم كۈنى» دەپ ئېلان قىلىنىشى ئۈچۈن چاقىرىقتا بولغان.
خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى نامايىشلارغا سەۋەب بولغان تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قانۇن لايىھەسى ئاپرېل ئېيىدا پارلامېنتقا سۇنۇلغان، بىراق نامايىشلار سەۋەبىدىن خوڭكوڭ رايون باشلىقى لىنجېڭ يۆئې ئىيۇل ئېيىدا قانۇن لايىھەسىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئەمما بۇ باياناتقا قارىماستىن داۋاملاشقان كەڭ كۆلەملىك نامايىشلاردىن كېيىن، لىنجېڭ يۆئې 4-سېنتەبىردە قانۇن لايىھەسىنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ئەندىشىلىرىنى پەسكويغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن قانۇن لايىھەسىنى رەسمىي ھالدا ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان بولدى» دېگەن ئىدى.
نامايىشچىلار قانۇن لايىھەسىنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىدىن باشقا يەنە نامايىشچىلارغا زورۋانلىق قىلغان ساقچىلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇستەقىل كومىتېت قۇرۇش، تۇتقۇن قىلىنغان نامايىشچىلارغا ئومۇمىيۈزلۈك كەچۈرۈمنامە ئېلان قىلىش، نامايىشلارنى «ئىسيان» دەپ ئاتاشنى توختىتىش ۋە يېڭىدىن سىياسىي ئىسلاھات باشلاشنى تەلەپ قىلغان.
خوڭكوڭدىكى نامايىشلار يەنە پات-پات نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچى گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارغىمۇ سەھنە بولۇپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 721 قېتىم كۆرۈلدى
01/10/2019 19:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق