خىتايلار: بىز قازاقسىتاننىڭ خۇجاينى

خىتايلار: بىز قازاقسىتاننىڭ خۇجاينى 

14- سېنتەبىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، خىتايلار قازاقىستاندىكى قازمىناي گازى ھەققىدە « بىز قازمىناي گازىنىڭ خۇجايىنى »دېگەنلىكى سەۋەبلىك قازاقلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا جىدەل چىققان.

مەلۇم بولىشىچە، يېقىندا قازاقىستان ھۆكۈمىتى قازاقسىاندىكى قازمىناي گازىنى خىتايغا  سېتىۋەتكەن. خىتاي كۆچمەنلىرى شىركەتتە ئىشلەۋاتقان قازاق ئىشچىلار ئالدىدا « بىز قازمىناي گازىنىڭ خۇجايىنى» دېگەن. بۇنىڭغا قايىل بولمىغان قازاقلار « قازاقىستاندا سىنىڭ خۇجايىنلىقىڭ نېمە قىلىدۇ»دېگەن تالىشىشلار سەۋبلىك شىركەت تاماقخانىسىدا قازاقلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدا ئۇرۇش _جىدەل چىققان. خىتايلار قازاقلارنى تاماقخاندىكى ئورۇندۇقلار بىلەن ئۇرغان. ئىككى تەرەپ ئۆز- ئارا ئورۇندۇقلارنى ئېتىشقان.

قازاقىستاننىڭ ھازىرقى پرىزېدىنتى قاسىم جومارت توقايوف خىتايپەرەست بىر كىشى بولۇپ، قازاقىستانغا پرزېدىنت  بولۇپ سايلانغاندىن بېرى خىتاي بىلەن ئاپاق – چاپاق بولۇپ قازاقسىتان خەلقىنى خىتاي قوينىغا ئېتىشقا باشلىغان. قاسىم جومارت توقايوف ئالدىنقى ھەپىتىدىكى خىتاي زىيارىتىدە« ئولۇغ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى بىلەن ئوموميۈزلۈك ھەمكارلىشىشقا قوشىلىمەن»دەپ يازغان ھەمدە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن.

مەلۇم بولىشىچە، توقايوف ئىلگىرى بېيجىڭدا خىتايچە ئۆگەنگەن ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىدا ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىگەن. توقايوف قازاقسىتان پرزېدىنتى بولۇپ سايلىنىشىتىن ئىلگىرى قازاقىستاننىڭ باش مىنىستىرلىك ۋەزىيپىسىنى ئۆتىگەن كۈنلەر ۋە ئۇندىن ئىلگىرىكى كۈنلەردە قازاقىستان مىللى ئىستىخباراتىنى بىر قوللۇق كونتىرول قىلىپ كەلگەن.

كۈزەتكۈچىلەر: . قاسىم جومارت توقايوفنىڭ تويۇقسىز قازاقىستانغا پرزېدىنت بولۇپ چىقىپ قېلىشىدا خىتاينىڭ قولى بولىشى مۇمىكىن. ئەگەر قازاقسىتان خەلقى ھۇشيارلىقىنى ئۆستۈرمىسە، تارىختا خىتايغا قەتئىي بويسۇنمىغان ئوسمان باتۇرنىڭ ئەۋاتلىرى . قاسىم جومارت توقايوفنىڭ قولى بىلەن خىتايغا ئەل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دېيىشمەكتە.

بۇ خەۋەر 684 قېتىم كۆرۈلدى
16/09/2019 17:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق