خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالاھىدە كۈنى يېقىنلاشقاندا بېيجىڭ جىددىيچىلىككە تولدى

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالاھىدە كۈنى يېقىنلاشقاندا بېيجىڭ جىددىيچىلىككە تولدى
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭدىكى ھەرقايسى دائىرىلەر جىددىيچىلىك ئىچىدە تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان.
بۇ يىل 1-ئۆكتەبىر خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىستىبدات ھاكىمىيىتىنىڭ 70 يىللىقى بولۇپ، بۇ كۈننىڭ يېقىنلاپ قېلىشى ۋە خوڭكوڭدىكى نامايىشنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، بېيجىڭنىڭ بىخەتەرلىكى خىتاي دائىرىلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىگە ئايلانغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، قاراۋۇل پونكىتلىرىدا كېچە-كۈندۈز ئادەم ئۈزۈلمىگەن. كۆزىتىش كامېرالىرى ئەزەلدىن كۆپ بولغان بېيجىڭ شەھىرىگە تېخىمۇ كۆپلىگەن كامېرالار ئورنىتىلغان. بېيجىڭغا تېز يوللانما ۋە پوچتا ئارقىلىق سېلىنغان ماللارنىڭ چوقۇم X نۇرلۇق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.
تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي پاراتنى رەپىتىس قىلىش ئۈچۈن ئەتراپتىكى چوڭ يوللار نەچچە قېتىم تولۇق توسۇۋېتىلگەن بولۇپ، ئاھالىلەرگە ئېغىر قولايسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، تيەنئەمېن مەيدانىغا نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان بېيجىڭ ئىشچىلار تەنتەربىيە مەيدانىغا ھەربىي بىرونېۋىكلار ۋە تانكىلار توختىتىلىدىغان بولۇپ، يېقىن جايلاردىكى بەزمىخانىلار، مېھمانخانىلار ۋە رېستورانلارنىڭ ھەممىسى مەجبۇرىي تاقىۋېتىلگەن.
بۇلاردىن سىرت خىتايدىكى تور-ئالاقىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرمۇ ئالاھىدە كۈچەيتىلگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىگە، كومپارتىيەگە قارشى گەپ-سۆزلەر تازىلىنىپ ماڭغان. ئىشلەتكۈچىلىرى ئەڭ كۆپ بولغان سىنا مىكرو بىلوگىدا نەچچە كۈن ئىچىدىلا 15 مىڭدىن ئارتۇق يازما ئۆچۈرۈلۈپ، 1500 گە يېقىن ھېسابات تاقىۋېتىلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر بېيجىڭدىكى جىددىيچىلىكنىڭ خاتىرە كۈننى تەبرىكلەش ئەمەس، بەلكى چوڭ بىر ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغانغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 889 قېتىم كۆرۈلدى
06/09/2019 15:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق