چاناققەلئەدە ئۇيغۇر ئالىملار جەم بولدى

5-سېنتەبىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇھىم تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان داڭلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىكلىرىدىن ئالتە كىشى چاناققەلئە 18-مارت ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇھىم لېكسىيە يىغىنى ئۈچۈن جەم بولدى.

يىغىنغا ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى (ناسا) ئوپتىك ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق، ئامېرىكا ماسساچۇستىس ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە DNA تەتقىقاتى ساھەسىدە مۇھىم نەتىجىگە ئېرىشكەن، شۇنداقلا «تۇنجى موزاينى كىلونلىغۇچى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن تەتقىقاتچى، پىروفېسسور، دوكتور مايسەم مۇتەللىپوف، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات، ئاۋسترالىيەدىن خەلقئارادا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىپ كەلگەن دوكتور مەمتىمىن ئەلا، شىۋېتسارىيەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت، گېرمانىيەدىن ژۇرنالىست، يازغۇچى پەرھات مۇھەممەدى قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

يىغىنغا يەنە شەرقىي تۈركسىتان تەشىلاتلار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن مائارىپ جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر، جەمئىيەت باش كاتپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، مالىيە ئىشلىرى مەسئۇلى نېمەتۇللاھ ھاجىم قاتارلىقلار قاتناشتى.

يىغىندا دوكتور ئەركىن سىدىق «قۇياش سىستېمىسى سىرتىدىكى پىلانېتىلارنى بىۋاسىتە ئۆلچەشتىكى ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى» تېمىسىدا، دوكتور مايسەم مۇتەللىپوف: «زور مىقداردىكى DNA تەرتىپى تەكشۈرۈش بىلەن مەجبۇرىي ئورگان ئېلىۋېلىش ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش» تېمىسدا، ئۆمەر قانات «ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى» تېمىسىدا، دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت «بۇلۇت ھېسابلاش تېخنىكىسى ۋە تۆتىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى» تېمىسىدا، دوكتور مەمتىمىن ئەلا «دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسى» تېمىسىدا، ژۇرنالىست پەرھات مۇھەممەدى «گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى كۈلتۈرى» تېمىسىدا سۆزلىدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيىتى رەھبەرلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن 18-مارت ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى دوكتور سادەت مۇرات ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي يىغىلىش ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلدى.

 

بۇ خەۋەر 2098 قېتىم كۆرۈلدى
05/09/2019 14:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق