موڭغۇلىيە يازغۇچىسى مائارىپ جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

موڭغۇلىيە يازغۇچىسى مائارىپ جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

مۇڭغۇلىيەدىن كەلگەن يازغۇچى، سېنارىست سارانتۇيا (Sarantuya Lkhamsuren) خانىم بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.
سارانتۇيا خانىمىنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزغان ئىشخانىسىدا كۈتۈۋېلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى قاتارلىقلار ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
سارانتۇيا خانىم تونۇلغان بىر يازغۇچى بولۇپ، چوڭ ئانىسى ئۇيغۇر ئىكەن. ئۇ ھازىر موڭغۇلىيەدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخىي ئىزلىرىنى تەتقىقات قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن، مىلادىيە 830-يىللىرى موڭغۇلىيەدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر خاندانلىقى خارابىلىقى ئەتراپىدىن بەش گېكتار يەر سېتىۋالغان. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان تارىخىي سېنارىيەسى فىلىم قىلىپ ئىشلىنىپ، موڭغۇلىيە تېلېۋىزىيە قانىلىدا قويۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا.

بۇ خەۋەر 1282 قېتىم كۆرۈلدى
23/08/2019 18:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق