خوڭكوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىگە قىسمەن تەسىر كۆرسەتكەن

خوڭكوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىگە قىسمەن تەسىر كۆرسەتكەن

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خىتايچە بۆلۈمىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭ ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقىنى نازارەت قىلىش ئەھۋالىدا نىسبەتەن بوشىشىش كۆرۈلگەن.
يېقىندا شەرقىي تۈركىستان ۋە گەنسۇ ئۆلكىسىدىن ئايرىلىپ، چەتئەلگە چىققان بىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ساقچى پونكىتلىرى نىسبەتەن ئازلاپ قالغان، تەكشۈرۈشلەرمۇ بۇرۇنقىدەك كۆپ بولمىغان.
ئۇ يەنە خەلقنىڭ ۋەھىمە ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، ھېچقانداق گەپ-سۆز قىلىشقا پېتىنالمايدىغانلىقىنى، گەنسۇ تەۋەسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ھازىر قۇرئان ئوقۇمايدىغانلىقىنى، كۈنلەپ شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىنى ئۆگىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئانالىزچىلار خىتاينىڭ قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ خوڭكوڭ ئەتراپىغا توپلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىنى شەرقىي تۈركىستاندىن خوڭكوڭغا يۆتكەۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1117 قېتىم كۆرۈلدى
20/08/2019 15:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق