ئامېرىكا – تالىبان سۆھبىتى ئاخىرلاشتى

ئامېرىكا – تالىبان سۆھبىتى ئاخىرلاشتى

13- ئاۋغۇست تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد، مەركىزى قاتاردىكى «‹ئەلجەزىرە› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، تالىبان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا  قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 8 – قېتىملىق سۆھبەت ئاخىرلاشقانلىقىنى، بۇ سۆھبەتلەر ناھايىتى ئۇسۇنغا سوزۇلغا بولسىمۇ، لېكىن نەتىجىسىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى قەيت قىلغان.

 ئۇ يەنە، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كەلگۈسىدە تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە كېڭەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.

قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پەيشەنبە كۈنى تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، تالىبان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

بۇ خەۋەر 886 قېتىم كۆرۈلدى
13/08/2019 16:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق