ئىسلامغا قارشى سىياسەتلەر خىتاي ئۆلكىلىرىدە ...


زىمىستان تورىنىڭ 7-مارت بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان ئىسلام دىنىغا قارشى سىياسەتلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلىغان.
خەۋەردە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئاشخانا، دۇكانلارغا ئېسىلغان ھىلال ئاي ۋەئىسلامى بەلگىلەرنى  ۋە باشقا ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى ئەسەبىيلىك، تېررورلۇق باھانىسى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا باشلىغانلىقى، ھەتتا ئەرەب تىلى ۋە يېزىقىنى ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق بىلەن چېتىپ، چەكلىگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
خەۋەردە يەنە يېقىندا سىچۈەن ئۆلكىسى خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەسىدىكى تورتخانىغا بىر نەچچە ساقچى كىرىپ، مەركەزنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن دۇكانلارغا ئېسىلغان بارلىق ئەرەبچە يېزىقتىكى پىلاكاتلارنى ئېلىپ تاشلاشنى، ئەرەبچە خەتلەرنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، ئەگەر دۇكاندارلار ئۆزلۈكىدىن ئېلىۋەتمىسە، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى بىلەن مەجبۇرىي ئېلىۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغانلىقى ئاشكارىلاندى.

 

بۇ خەۋەر 10335 قېتىم كۆرۈلدى
07/03/2019 18:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق