ئىستانبۇلدا ئېسىل ئەنئەنە جارى قىلدۇرۇلدى

ئىستانبۇلدا ئېسىل ئەنئەنە جارى قىلدۇرۇلدى
قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋا سېپىدىكى مەرھۇم يېتەكچى، پېشقەدەملەرنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى.
قۇربانلىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باشچىلىقىدا بىر يەرگە يىغىلغان ئۇيغۇرلار چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بايراقدارى مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە تۇپراق بېشىدا مەرھۇمنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرىتى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.
ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋا سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان يېتەكچى، پېشقەدەملەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھېيتلىرىنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلار بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇلارنىڭ تەنلىرىنىڭ سالامەت، خىزمەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلدى.

 

بۇ خەۋەر 1181 قېتىم كۆرۈلدى
12/08/2019 21:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق