ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرمەكچى

ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرمەكچى

تۈنۈگۈن ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ ئامېرىكا مەسئۇللىرىدىن نەقىل ئالغان خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاڧغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرمەكچى بولغان.
خەۋەردە تالىباننىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاسىتە كەڭ دائىرىلىك تىنچلىق كېلىشىمىنى مۇزاكىرە قىلىشىنى شەرت قىلغان كېلىشىمگە ئاساسەن، ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى 14 مىڭدىن سەككىز مىڭغا چۈشۈرۈش تەلەپ قىلىنغانلىقى، كېلىشىم لايىھەسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خالىلزاد بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا بىر چىقىدىغانلىقىغا ئاي داۋاملاشقان مۇزاكىرىلەردىن كېيىن بېكىتىلگەنلىكى ۋە ئاخىرقى نۇسخىسىنىڭ ئافغانىستاننىڭ كېلەر ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى، مەزكۇر كېلىشىم لايىھەسى قوبۇل قىلىنسا، بۇنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا بېسىلىدىغان ئەڭ مۇھىم قەدەملەردىن بىرى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى مۇخبىرغا كېلىشىم لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ئەمما قانچىلىك ئازايتىلىدىغانلىقى ۋە قاچان ئازايتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات يوقلۇقىنى ئاشكارىلىغان.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بەرگەن مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2001-يىلى ئافغانىستاندا ئۇرۇش باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 2400 ئامېرىكا ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلغان، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر يارىلانغان.

بۇ خەۋەر 797 قېتىم كۆرۈلدى
03/08/2019 22:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق