خىتاي ئۈچ مىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتتى

خىتاي ئۈچ مىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتتى

31-ئىيۇل خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش مەقسىتىدە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن 3371 خىتاي ئوقۇغۇچىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي رايونلىرىغا يولغا سالغان.
يولغا سېلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمدا ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چوڭجيۇ سۆز قىلىپ، ئۇلارنى ياخشى ئىشلەپ، مۇشۇ جايدا يىلتىز تارتىپ قېلىشقا ئۈندىگەن.
مەلۇم بولۇشچە، بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئاتالمىش شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى پولك مەيدانلىرىغا 1800 ئوقۇغۇچى يولغا سېلىنغان.
كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئەمەلدارلار «ئىككى يۈزلىمىچى»، «ئەسەبىي» دېگەندەك تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆپلەپ ئەۋەتىشى ئەمەلىيەتتە خىتايلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ، رەھبىرىي ھوقۇقنى تولۇق ئىگىلەپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنىڭ بىر بېشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1759 قېتىم كۆرۈلدى
01/08/2019 21:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق