خىتاي جىنايىتىنى يەنە بىر قېتىم نومۇسسىزلارچە ئىنكار قىلدى

خىتاي جىنايىتىنى يەنە بىر قېتىم نومۇسسىزلارچە ئىنكار قىلدى

ئاۋسترالىيە يېڭى كۈندىلىك گېزىتى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئىنكار قىلىپ، دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خاتىرجەم، بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، بىر قىسىم ئاۋسترالىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتنىڭ پۈتۈنلەي تۆھمەت ئىكەنلىكىنى، ناتوغرا مەقسەتلەر بىلەن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي باياناتچىسى يەنە ئا ب س قانىلىغا ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئەزىمەت ئۆمەرغوجا ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەركىن ھالدا خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تەرەپ يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدە ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن ياكى خىتاينى پىلانلىق قارىلاش ئۈچۈن يالغان سۆزلەۋاتقاننى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنى نومۇسسىزلارچە ئاقلىغان.
ئاۋسترالىيەنىڭ ئا ب س قانىلى يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر ھۆججەتلىك ئىشلىگەن بولۇپ، خەلقئارادا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ئىدى.

مەنبە:https://thenewdaily.com.au/news/2019/07/28/chinese-government-uyghurs/

بۇ خەۋەر 1377 قېتىم كۆرۈلدى
29/07/2019 14:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق