ئامېرىكا يەنە بىر خىتاي شىركىتىنى جازالىدى

ئامېرىكا يەنە بىر خىتاي شىركىتىنى جازالىدى

 

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىران بىلەن داۋاملىق سودا ئالاقىسىدە بولغان خىتاينىڭ جۇخەي جېنرۇڭ(珠海振戎) شىركىتىگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزگەن.

مەزكۇر شىركەت ئاساسلىقى ئىراندىن خام نېفىت سېتىۋېلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىراندىن خام نېفىت سېتىۋېلىش چەكلىمىسىگە بۇيسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن جازالاشقا ئۇچرىغان. نۆۋەتتە بۇ شىركەتنىڭ ۋە شىركەت خادىملىرىنىڭ ئامېرىكا باشقۇرۇش دائىرىسىدە تاشقى پېرېۋوت، بانكا، ئۆي-مۈلۈك قاتارلىق پائالىيەتلىرى تولۇق چەكلەنگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئىرانغا قاراتقان ئىقتىسادىي جازانى كۈچەيتكەن. بۇ قېتىم خىتاي شىركىتىنىڭ جازاغا ئۇچرىشى ئامېرىكا-ئىران مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن.

بۇ خەۋەر 872 قېتىم كۆرۈلدى
24/07/2019 12:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق