خىتاي شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى 21-ئىيۇل شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئېتىقادىنى نومۇسسىزلارچە بۇرمىلىدى ۋە ئىنكار قىلدى.
«شىنجاڭغا ئالاقىدار بىر نەچچە تارىخىي مەسىلە» ناملىق مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىنبىر ئېتىقادى ئەمەسلىكى، ئەينى ۋاقىتتا ئەرەب ئىمپېرىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى خەلقكە زورلاپ تاڭغانلىقى، ھازىرمۇ نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلگەن.
كىتابتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەر بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكى، ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن يېڭى مىللەت ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىپ، تارىخىي پاكىتلار بۇرمىلانغان.
ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپلا خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستان دېگەن بىر دۆلەتنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ باقمىغانلىقى، ئەزەلدىن خىتاي قاتارلىق كۆپلىگەن مىللەتلەر ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكى ھەققىدە بىلجىرلىغان.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرى سەۋەبلىك خەلقئارانىڭ تەنقىتىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە تارىخىي پاكىتلارنى پۈتۈنلەي دەپسەندە قىلىپ، مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابنى ئالدىراپ ئېلان قىلىشى خەلقئارا تاراتقۇلاردا ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى.

بۇ خەۋەر 1614 قېتىم كۆرۈلدى
22/07/2019 21:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق