ھەربىي قوزغىلاڭچىلار ئەسەد قىسىملىرىغا ئەجەللىك زەربە بەردى

ھەربىي قوزغىلاڭچىلار ئەسەد قىسىملىرىغا ئەجەللىك زەربە بەردى

خەۋەر يەتتە تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سۇرىيەدىكى ھەربىي قوزغىلاڭچىلار ئىدلىبتىكى توقۇنۇشنى تۆۋەنلىتىش رايونى دائىرىسىدىكى تۈركمەن تېغىدا ئەسەد قىسىملىرى قولىدىكى ئىستراتېگىيەلىك جايلارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت باشلىغان بولۇپ، تۇيۇقسىز قىلىنغان ھۇجۇمدا نۇرغۇنلىغان ئەسەد ئەسكەرلىرى ئۆلتۈرۈلگەن.
خەۋەردە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى يۇقىرى بۇرج ئەلزاھىيە چوققىسى بىلەن قوشۇلۇپ، 15 كىچىك ئېگىزلىك ۋە ئەسەدنىڭ ھەربىي ئىستىھكاملىرىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقى، ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە ئىككى تانكىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى، ھەربىي ھەرىكەتتىن كېيىن ئەسەد قىسىملىرىنىڭ تۈركمەن تېغىنى توپقا تۇتۇشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئەسەد قىسىملىرى 2015–يىلىنىڭ ئاخىرىدا رۇسىيەنىڭ ھاۋادىن ياردەم قىلىشى بىلەن لازىقىيە ۋىلايىتىگە قاراشلىق تۈركمەن تېغىنىڭ %85نى قولغا كىرگۈزۈۋالغان. بۇ رايوندا ياشايدىغان 20 مىڭ ئەتراپىدىكى تۈركمەن ۋە ئەرەب خەلقى تۈركىيەگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. تۈركمەن تېغىدا جۇمەرەن، كەلەز، ئىساپىنارى، ساللۇرن يامادى، قارامانلى يېزىلىرى، شۇنداقلا زەيتىنچىك، چىپتوروز ۋە كالابا ئېتىزلىقلىرىلا قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقىدا قالغان.

بۇ خەۋەر 2763 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2019 14:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق