خىتاي ئۆلكىلىرىدىن شەرقىي تۈركىستانغا نوپۇس كۆچۈرۈش جىددىي كۈچەيمەكتە

خىتاي ئۆلكىلىرىدىن شەرقىي تۈركىستانغا نوپۇس كۆچۈرۈش جىددىي كۈچەيمەكتە

زىمىستان تورىنىڭ 29-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يۇقىرى مائاش ۋە تەمىناتلار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي پۇقرالىرىنى كۆچۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتكەن.
خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان خەلقنى جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە قامىغاندىن كېيىن، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن خىتاي پۇقرالىرىنى كۆپلەپ كۆچۈرۈش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىرقىي يوقىتىش سىياسىتىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان. بۇ يىل 3-ئايدا گەنسۇ ئۆلكىسىدە تارقىتىلغان خىتاي پۇقرالىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشتا كۆچۈپ بارغان خىتايلارغا 50 مىڭ يۈەن نەق پۇل ۋە 40 مو يەر بېرىلىدىغانلىقى، ئۈچ يىلغىچە ھەقسىز تۇرالغۇدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى، تۈرلۈك سۇغۇرتا ۋە ياردەم سىياسەتلىرىدىن پايدىلىنالايدىغانلىقى، نامرات خىتايلارنىڭ ئالدىنئالا ئويلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئۇندىن باشقا بۇ يىل 3-ئايدا ئېلان قىلىنغان خوتەن ۋىلايىتىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىدىمۇ ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتايلارغا 50 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگىچە ئورۇنلىشىش پۇلى بېرىلىدىغانلىقى، ئۆي سېتىۋالسا 200 مىڭ يۈەنگە قەدەر تولۇقلىما پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
گەرچە خىتاي پۇقرالىرى يۇقىرى مائاش، تەمىناتلار بىلەن قىزىقتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم پۇقرالار يەنىلا شەرقىي تۈركىستانغا بېرىشنى خالىمىغان. چۈنكى خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ بارىدىغانلارنىڭ ئەسلى نوپۇسىنىڭ ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدىغانلىقىنى، تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغانلىقىنى، ئۆيلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە تەۋە بولىدىغانلىقىنى ياكى چېقىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قايتىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇلارنى شەرقىي تۈركىستانغا مەڭگۈ يەرلەشتۈرۈش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان.
بۇندىن باشقا زىيارەتنى قوبۇل قىلغان بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرى يۇقىرىقى سىياسەت ۋە ياردەملەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىنىڭ بۇرۇنمۇ نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بېرىپ، ئەمەلگە ئاشۇرمىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستانغا بارغاندىن كېيىن ھەربىي تۈزۈمدە باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالغۇسى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما خىتاي دائىرىلىرى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلەرگە تەھدىت سېلىپ، ئەگەر ئۇلار شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ بارمىسا، ئۇلارنىڭ ياردەم پۇلىنى توختىتىۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

 

مەنبە:https://zh.bitterwinter.org/hanification-of-xinjiang-through-false-promises-and-threats/

بۇ خەۋەر 1844 قېتىم كۆرۈلدى
01/07/2019 13:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق