ئىستانبۇلدا ئىككى شېھىدنىڭ غايىبانە جىنازە نامىزى ئوقۇلدى

ئىستانبۇلدا ئىككى شېھىدنىڭ غايىبانە جىنازە نامىزى ئوقۇلدى

30- ئىيۇن ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە پاتىھ جامەسىدە ئابدۇلھەكىم مۇھەممەد قۇربان داموللام بىلەن نۇزۇگۇم جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەرئۆز ئۇيغۇر خانىمىڭ تۇغقىنى ھۆرمەتخان ھەبىبۇل خانىمنىڭ غايىبانە جىنازە نامىزى ئوقۇلدى.

غايىبانە جىنازە نامازنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ نامازغا شۇ رايوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلا ئىشتراك قىلدى.

نامازنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن نىياز داموللام باشلاپ ئوقۇپ بەردى. نامازدىن كېيىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، ئابدۇلھەكىم داموللامنىڭ  خوتەندىكى مەشھۇر ئىسلاھاتچى ئالىملاردىن بىرى مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىمنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى داموللامنى 49 يېشىدا تۈرمىدە شېھىت قىلىغانلىقىنى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۆلىما، زىيالىلىرىمىزغا ئارقا – ئارقىدىن زىيانكەشلىك قىلىشقا باشىلىغانلىقىنى، بۇنىڭ سەۋەبى بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتايغا ئۆنۈملۈك قارشى تۇرالمىغانلىقىمىزدىن بولغانلىقىنى، ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەي شەرقىي تۈركسىتان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھەرىكەتنى كۈچەيتىشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىگىنىشچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ھۆرمەتخان ھەبىبۇل خانىمنى لاگېردا شېھىد قىلغان.  

شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلكى رەئىسى  ئاتاۋۇللا شاھيار سۆز قىلىپ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇشنىڭ ئسلامدىكى ئورنى، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۆلىما ۋە بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزىنى ئۇقۇش قېرىنداشلىرىمىزى قوللاشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا رەئس ئاتاۋۇللا شاھيارنىڭ يېتەكچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئاللاھنىڭ نۇسرىتى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچۇرىغان بارلىق شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرىتى ، شاھادىتىنىڭ قوبۇل بولىشى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھىلاكىتىنى تىلەپ دۇئالار قىلىندى.      

 

 

 

بۇ خەۋەر 2494 قېتىم كۆرۈلدى
30/06/2019 18:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق