تۈرمىدە شېھىت قىلىنغان ئابدۇلھەكىم داموللامغا تەزىيەنامە

تۈرمىدە شېھىت قىلىنغان ئابدۇلھەكىم داموللامغا تەزىيەنامە

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاي تۈرمىسىدە شېھىت قىلىنغان ئابدۇلھەكىم مۇھەممەد قۇربان داموللامغا تەزىيە بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئاللاھتىن سەۋر تىلەيدۇ.
ئابدۇلھەكىم مۇھەممەد قۇربان داموللام خوتەننىڭ مەشھۇر ئىسلاھاتچى ئالىملىرىدىن بىرى بولغان مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىمنىڭ ئوغلى بولۇپ، 1970-يىلى تۇغۇلغان. دادىسى مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىممۇ بەش يىللىق ھاياتىنى خىتاي تۈرمىسىدە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، يۇرتى خوتەنگە قايتىپ كېلىپلا دىنىي خىزمەتكە كىرىشىپ كەتكەن. ئۇ مەشھۇر نۇرلۇق مەسچىتىنى بىنا قىلىشقا زور كۈچ چىقارغان، شۇنداقلا شۇ مەسچىتنىڭ ئۆزىدە ئىماملىق، خاتىپلىق قىلىش ۋە تالىپلارغا دەرس ئۆتۈش بىلەن ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن بۈيۈك ئالىم ئىدى.
ئابدۇلھەكىم داموللام دادىسىدا ئوقۇپ دىنىي ئالىم بولغان ھەمدە دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن نۇرلۇق مەسچىتكە خاتىپلىققا تەيىنلەنگەن. ئۇ بىر يىلغا يېقىن خاتىپلىق قىلىش جەريانىدا مەسچىت جامائىتى ناھايىتى كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇنىڭ خۇتبىلىرىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان. داموللام مەسچىتتە ئوقۇغان خۇتبىلىرى سەۋەبلىك «دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلدى» دېگەن تۆھمەت بىلەن 1999-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 29 يېشىدا تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش ئاپتونۇم رايونلۇق 4-تۈرمىگە قامىلىپ، 15 يىللىق ياشلىق ھاياتىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن. 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى قاماق مۇددىتىنى تولۇق توشقۇزۇپ، 44 يېشىدا تۈرمىدىن چىققان بولسىمۇ، يەنىلا ھازىرقى بارلىق ئۇيغۇر خەلقىگە ئوخشاشلا ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنغان ھالدا ئۆيىدە نەزەربەنت قىلىنىپ، 2017-يىلىغىچە جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ ياشاشقا مەجبۇر قىلىنغان. 2017-يىلى 7-ئايدا مىليونلىغان بىگۇناھ ئىنسانلار جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ۋاقىتتا ئابدۇلھەكىم داموللاممۇ قايتا تۇتۇپ كېتىلگەن. ئەمما لاگېرغا ئەۋەتىلمەستىن، بىۋاسىتە تۈرمىگە قامالغان ۋە ھېچقانداق جىنايەتسىز ھالەتتە ئون يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
بۇ يىل رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى داموللامنىڭ تۈرمىدە شېھىت قىلىنغانلىق خەۋىرى تارقالغان بولسىمۇ، ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ياكى ئائىلىسىدىن بۇ شۇم خەۋەرنىڭ راست-يالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بولمىغان ئىدى. 2019-يىلى 28-ئىيۇن ئابدۇلھەكىم داموللامنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئوغلى ۋە باشقا تۇغقانلىرى ئارقىلىق بۇ شۇم خەۋەرنىڭ راستلىقى، داموللامنىڭ 49 يېشىدا خىتاي تۈرمىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئېنىقلاندى.
ئابدۇلھەكىم مۇھەممەد قۇربان داموللام ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش يولىدا ھاياتىنى قۇربان قىلغان قەھرىمان مۇجاھىد ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ مەرھۇمغا شېھىتلىك ماقامىغا يەتكۈزسۇن! گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلسۇن! جەننەتۇل فىردەۋستىن ئورۇن بەرسۇن!

ھۆرمەت بىلەن:
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى
2019-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى

بۇ خەۋەر 1281 قېتىم كۆرۈلدى
29/06/2019 14:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق