مۇسۇلمان زىيالىلار جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

20-فېۋرال يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان مۇسۇلمان زىيالىلار جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

ھىندونېزىيە ياشلار ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ھىندونېزىيە زىيارىتىنى باشلىغان دوكتور ئابدۇسالام ھىندونېزىيە پائالىيىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، ھىندونېزىيە مۇسۇلمان زىيالىلار جەمئىيىتىنىڭ جاۋا رايونىدىكى ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلدى.   

زىيارەتتە دوكتور ئابدۇسالام شەرقىي تۈركىستان ئسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قورلۇش تارىخىنى تونۇشتۇردى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان يولسىزلىقلىرىنى، ئاتالمىش قوشماق تۇغقان سىياسىتىنى، ئويغۇر قىزلىرىنى خىتاي بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇلىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بارغان دۈشمەنلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ خەۋەر 26020 قېتىم كۆرۈلدى
20/02/2019 18:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق