ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈچ چوڭ بانكىسىنى جازالىماقچى بولدى

ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈچ چوڭ بانكىسىنى جازالىماقچى بولدى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈچ چوڭ بانكىسىنى جازالاشنى پىلانلىغان.
خەۋەردە خىتاينىڭ جۇڭگو قاتناش بانكىسى، جۇڭگو سودىگەر چاقىرىش بانكىسى، شاڭخەي پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق ئۈچ بانكىنىڭ تېررورچى دۆلەت شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو قورالى ياسىشىغا ياردەم قىلغانلىقى ۋە بۇ بانكىلارنىڭ خەلقئارالىق تەكشۈرۈشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بانكىلارنىڭ ھەر بىرىگە يۈز مىليون دوللاردىن يۇقىرى جەرىمانە قويۇش ۋە خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىن پايدىلىنىشقا يول قويماسلىق جازاسى بېرىلىدىكەن.

بۇ خەۋەر 2016 قېتىم كۆرۈلدى
26/06/2019 17:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق