تەيۋەندىكى خىتايغا قارشى نامايىش زورايدى

تەيۋەندىكى خىتايغا قارشى نامايىش زورايدى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 23-ئىيۇن خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى تەيۋەندە باشلانغان نامايىش 24-ئىيۇن تېخىمۇ زورايغان.
تەيۋەن خەلق بۇ نامايىش ئارقىلىق خوڭكوڭدىكى خىتايغا قارشى نامايىشنى قوللىغان. نامايىشچى خەلق تەيۋەن پىرېزىدېنت ئىشخانىسىنى قورشىۋېلىپ، «قىزىل كوممۇنىستلارنىڭ تەشۋىقاتىنى يوقىتايلى»، «خىتاي كوممۇنىستلىرىنى تەيۋەندىن قوغلاپ چىقىرايلى»، «تەيۋەن خەلقى خوڭكوڭ خەلقى بىلەن بىرگە» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان. بارغانسېرى كۆپەيگەن خەلق پىرزېدىنت ئىشخانىسى ئەتراپىدا ئادەم دېڭىزى ھاسىل قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىستلىرى يېقىندىن بېرى تەيۋەندىكى بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە سودىگەرلەرنى يېنىغا تارتىپ، يوشۇرۇن ھالدا خىتاينىڭ قىزىل تەشۋىقاتلىرىنى تارقىتىشقا باشلىغان. ۋەزىيەتنى تونۇپ يەتكەن تەيۋەن خەلقى خىتاينىڭ تەدرىجىي سىڭىپ كىرىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان تەشۋىقاتلىرىغا قارشى تۇرۇشقا باشلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭ خەلقى يەنە 6-ئاينىڭ 26-كۈنى خىتايغا قارشى مىليون كىشىلىك نامايىش قىلىشقا تەييارلانغان.

بۇ خەۋەر 1705 قېتىم كۆرۈلدى
25/06/2019 14:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق