خىتايدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىس ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى

خىتايدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىس ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى

24-ئىيۇن ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتايدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىس ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بېرى خىتاي ئىقتىسادىدا تېز سۈرئەتتە چېكىنىش يۈز بېرىشىگە ئەگىشىپ، ئىشسىزلىق نىسبىتى شىددەت بىلەن ئاشقان. خىتاينىڭ دۆلەت قەرزى دۆلەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىدىن %248 پىرسەنت ئېشىپ كەتكەن. بۇ ھالەت خىتاي ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇندىن باشقا خىتايدىكى 500 كۈچلۈك ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭ بىرى بولغان نىڭبو يىيىن شىركىتى ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىغان. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىمۇ ئېشىپ، مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى ئىشسىز قالغان. خىتاي ئىقتىسادىي كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغان.

بۇ خەۋەر 1120 قېتىم كۆرۈلدى
25/06/2019 13:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق