تەيۋەندە خىتايغا قارشى نامايىش پارتلىدى

تەيۋەندە خىتايغا قارشى نامايىش پارتلىدى

يېڭى ئېرا تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەندىكى ئون مىڭلىغان خەلق تەيۋەن پىرېزىدېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى نامايىش قىلغان.
نامايىشچىلار «قىزىل تەشۋىقاتچىلارنى قوبۇل قىلمايمىز»، «تەيۋەننىڭ دېموكراتىك تۈزۈلمىسىنى جان تىكىپ قوغدايمىز» دېگەن شوئارلارنى توۋلىغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەيۋەندىكى قىزىل تەشۋىقاتىنى كۈنسېرى كۈچەيتكەن. خىتاي كوممۇنىستلىرى خىتايغا بېرىپ تىجارەت قىلىدىغان سودىگەرلەرگە يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە مايىل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان. شۇ ئارقىلىق تەيۋەندە ھەرخىل ئاخبارات ئورگانلىرىنى قۇرۇپ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ماختايدىغان خەۋەرلەرنى بېسىپ تارقاتقان ۋە تەيۋەننىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا تەلۋىلەرچە ئارىلاشقان. خىتاينىڭ رەزىل مەقسىتىنى سەزگەن خەلق كوچىغا چىقىپ، قىزىل تەشۋىقاتچىلارغا قارشى نامايىش قىلغان.
نامايىشچىلار مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تەيۋەننىڭ خىتاي كوممۇنىست تۈزۈلمىسىگە ئېغىپ كېتىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 954 قېتىم كۆرۈلدى
25/06/2019 07:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق