ئالما شىركىتى خىتايدىن كۆچۈشنى قارار قىلدى

ئالما شىركىتى خىتايدىن كۆچۈشنى قارار قىلدى

پېرېۋوت نىسبىتى تورىنىڭ (doviz.com) تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايغا تولۇق بېقىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن ئالما شىركىتى خىتايدىن كۆچۈش قارارىنى چىقارغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ مال بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلىرى سودا پىلان تارماقلىرىدىن ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ %15~%30 ئەتراپىدىكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى خىتاي سىرتىدىكى رايونلارغا يۆتكەش ئۈچۈن كېتىدىغان چىقىمنى ئىستاتىستىكا قىلىپ چىقىشقا چاقىرغان.
خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئارقىغا چېكىنىشى ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسم شىركەتلەر خىتايدىن كۆچۈشكە باشلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئالما شىركىتى خىتاي بازىرىغا كۈچلۈك بېقىنىپ قېلىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، خىتاي-ئامېرىكا سودا ئۇرۇشىنىڭ قايسى دەرىجىگە يېتىپ بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، قىسمەن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى خىتايدىن يۆتكەپ كېتىشنى قارار قىلغان.

بۇ خەۋەر 992 قېتىم كۆرۈلدى
20/06/2019 13:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق