ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر چايخانىسى ئېچىلدى

ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر چايخانىسى ئېچىلدى
ئاچىل گۇرۇپپىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن 16-ئىيۇن ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجە سەفاكۆي رايونىدا «ساماۋەر» چايخانىسى رەسمىي ئېچىلدى.
چايخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇدىرى دوكتور ئابدۇۋارىس خوتەن، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفى رەئىسى ئابدۇلئەھەت ئۇچقۇن، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن مەھمۇتجان داموللام، ئۇستاز نىزامىدىن تەمكىنىي، ئۆمەر قارىھاجىم ۋە پىروفېسسور ئابدۇرېشىت قارلۇق قاتارلىق ئۆلىما-ئۇستازلار ئىشتىراك قىلدى.


ئېچىلىش مۇراسىمى قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى.

 

ئارقىدىن مۇراسىمغا قاتناشقان ئۇستازلار چايخانىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ، ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. چايخانا مەسئۇللىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇلھەفىز مەخسۇم ۋە ئابدۇسالام مەخسۇملار چايخانا ئېچىشتىكى مەقسىتىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:


«چايخانىمىز ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلار ئۈچۈن ئۆگىنىش، تونۇشۇش، چۈشىنىش، تەڭ ئىلگىرىلەش ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى ھازىرلاش مەقسىتىدە قۇرۇلدى. چايخانىغا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىلىم ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-تۈركچە دەرسلىك ۋە پايدىلىنىش كىتابلىرى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي كىتابلار تىزىلىدۇ. بىز بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ بىلىم-ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى پىلانلىدۇق. چايخانىمىزدا ھەرخىل تۈردىكى چايلار، قەھۋەلەر، تاتلىق-تۈرۈملەر، دوغاپ، تاتلىق-تۇرۇم قاتارلىقلار بار، چايخانىمىزنىڭ نىشانى ‹ئەڭ تۆۋەن باھا، ئەڭ ئالىي سۈپەت›. تەرەققىياتىمىز ياشلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەندۇر».

 

 

 

 

 

بۇ خەۋەر 2227 قېتىم كۆرۈلدى
17/06/2019 18:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق