خوڭكوڭ خەلقىنىڭ پىداكارلىقى يولسىز قانۇننىڭ ماقۇللىنىشىنى كېچىكتۈردى

خوڭكوڭ خەلقىنىڭ پىداكارلىقى يولسىز قانۇننىڭ ماقۇللىنىشىنى كېچىكتۈردى

ب ب س تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭدىكى نامايىش توقۇنۇشقا ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ پىداكارلىقى «قاچقۇنلارنى قايتۇرۇش قانۇنى»نىڭ ماقۇللىنىشىنى كېچىكتۈرگەن.
تۈنۈگۈن خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ «قاچقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قانۇنى»غا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش توقۇنۇشقا ئۆزگەرگەن. خوڭكوڭ ياشلىرىنىڭ ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان، ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلالايدىغان روھى دۇنيا خەلقىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن. خىتاي ئارمىيەسىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئەسكەرلىرى نامايىشچى خەلقنى باستۇرۇش ئۈچۈن كوچىغا چىققاندا، ياشلار يول توساقلىرى بىلەن ئۇلارنى توسقان. ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقاندا ياشلار چاققانلىق بىلەن بومبىنى ساقچىلارغا قايتۇرۇپ ئاتقان. بىرەر نامايىشچى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىپ كالتەكلەنگەندە، ياشلار دەرھال ساقچىلار توپىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، يارىلانغۇچىنى باتۇرلۇق بىلەن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان. ئىككىلا تەرەپتە يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن.
خوڭكوڭ ياشلىرى جان تىكىپ نامايىش قىلىپ، قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولۇپ، پۈتۈن شەھەر جىددىي ھالەتكە ئۆتكەن. قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ساقچىلار ياشلارنىڭ ھۆكۈمەت بىناسىغا بېسىپ كىرىشىدىن قورقۇپ، ھىچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەي قالايمىقان ئوققا تۇتقان. نەتىجىدە خوڭكوڭ ياشلىرىنىڭ پىداكارلىقى بىلەن خوڭكوڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئورنى 12-ئىيۇندىكى 2-قېتىملىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزمەكچى بولغان «قاچقۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇش قانۇنى»نىڭ تەستىقلاش يىغىنىنى ئامالسىز ئارقىغا سۈرۈلگەن.

مەنبەلاhttps://www.theage.com.au/world/asia/it-s-not-enough-to-criticise-china-we-need-to-offer-a-compelling-alternative-20190611-p51weh.html

 

بۇ خەۋەر 5473 قېتىم كۆرۈلدى
13/06/2019 12:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق