ئامېرىكىدىن شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى ھىمايە قىلىش چاقىرىقى

ئامېرىكىدىن شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى ھىمايە قىلىش چاقىرىقى

6‏-ئىيۇن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى دەيۋىد رەنز ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يولسىزلىقلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرغان.
دەيۋىد رەنز ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى ياۋۇزلۇقلارغا قارشى تۇرايلى: ئۇيغۇر كىرىزىسىگە قارىتا يەرشارى خاراكتېرلىك ئىنكاس‏‏» ناملىق يىغىلىشتا سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستاندىكى) ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنى قاتتىق دەپسەندە قىلىشى پۈتكۈل رايونغا تەسىر قىلىۋاتقان جىددىي مەسىلىگە ئايلاندى. بىز خىتاينى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە خاتىمە بېرىشكە، لاگېرلاردا خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىر مىليوندىن ئارتۇق تۇتقۇننى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلىمىز. بۇ مەسىلىدە باشقا ھۆكۈمەتلەر ۋە دۇنيا خەلقىنىڭمۇ قول تىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى جازالاشنى كۈچەيتىشىنى تار دائىرىدە چۈشىنىۋالماسلىق كېرەك. بۇ بىر رايون خاراكتېرلىك ۋە دۇنياۋى مەسىلە. مەن 25 يىل ئاۋۋال قەشقەرنى زىيارەت قىلغان ئىدىم. ھازىرقى ۋەزىيەتنى 25 يىل ئىلگىرىكى ۋەزىيەتكە سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. بۇ خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستاندىكى) مۇسۇلمان مىللەتلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، ۋەھىمىگە سېلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ مۇھىم ئىسپاتى.
قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى بېسىمىغا تېز پۈكمەي، سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوغداۋاتىدۇ. مەن باشقا دۆلەتلەرنى قازاقىستاننى ئۈلگە ئېلىشقا چاقىرىمەن».

بۇ خەۋەر 11690 قېتىم كۆرۈلدى
08/06/2019 16:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق